كىم جوڭئۇن شى جىنپىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا «ھەردائىم يېنىڭىزدىمىز» دەپ تېلېگرامما يوللىدى.

1279677
كىم جوڭئۇن شى جىنپىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى KCNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇننىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ۋە ئىشچان خىتاي خەلقىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە 70 يىلدىن بۇيان قەتئىي كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «پارتىيەمىز، ھۆكۈمىتىمىز ۋە خەلقىمىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە تۈپ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋە سىجىل تەرەققىياتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى تولۇق قوللايدۇ شۇنداقلا سوتسىيالىزمنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش يولىدا ھەردائىم سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

كىم جوڭئۇن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «شىمالىي كورېيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى دەۋرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى بويلاپ كۈنسېرى جانلىنىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر