ئەنگلىيە 31 - ئۆكتەبىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدۇ

بورىس جونسون مەۋجۇت قانۇنلار ئۆز پىتى تۇرىۋەرگەن تەقدىردە، ئەنگلىيەنىڭ مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، 31 – ئۆكتەبىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1275832
ئەنگلىيە 31 - ئۆكتەبىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون دۆلەت ئاساسىي قانۇنى مەھكىمىسىنىڭ ئۆزىگە قارشى چىقارغان قارارىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشقا دائىر يېڭى بىر كېلىشىمىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى، بىراق مەۋجوت قانۇنلار ئۆز پېتى تۇرىۋېرىدىغان بولسا، ئەنگلىيەنىڭ 31 - ئۆكتەبىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يېغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن نىيۇ يوركقا يېتىپ بارغان جونسون مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، «قانۇنغا بىنائەن ئەنگلىيە مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، 31ئۆكتەبىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدۇ. بىراق بىزگە نىسبەتەن تولىمۇ ھاياجانغا سالغۇچ ئىش، ياخشى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشتۇر» دېدى.

جونسون يېڭى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «توغرىسىنى ئېيتقاندا، پارلامېنتتىكى ۋەياكى مەھكىمىلەردىكى بۇ خىل ئىشلار كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ» دېدى.

مەۋجۇت قانۇنلار ئۆز پىتى تۇرىۋەرگەن تەقدىردە، ئەنگلىيەنىڭ 31ئۆكتەبىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جونسون، «كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغانلىقىمىزغا دائىر بەك ئۈمىتۋارمەن ۋە خەلقنىڭ خالايدىغىنىمۇ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۆلەت مەنپئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى شۇنداقلا بۇ ئىشنى (ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى) ئىشقا ئاشۇرۇشىدۇر، دەپ ئويلايمەن. قىلىدىغان ئىشىمىزمۇ مۇشۇ» دېدى.

بورىس جونسون مۇددەتتىن ئىلگىرى سايلام ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ، مەھكىمە قارارىغا ئالاقىدار تۇنجى ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەھكىمىنىڭ ھۆكىمىگە قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ، ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە پارلامېنتنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر