بېيجىڭ قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ رىملار ۋە تۈركلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1276096
بېيجىڭ قىبرىس مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بېيجىڭدا بايانات بېرىپ، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئادىل ۋە مۇۋاپىق شەكىلدە ھەل قىلىنىشىنى قوللاپ كەلگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ھەرقانداق بىر ھەل قىلىش پىلانىنىڭ قىبرىسلىق رىم ۋە تۈركلەرنىڭ، ئىككى خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەكىلدە بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز» دېدى.

«خىتاي، ئالاقىدار تەرەپلەرنى سوغۇققانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە سۆھبەتلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان شارائىتنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچۈن قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئادىل ۋە تىنچلىق ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان گېڭ شۇاڭ، ب د ت نىڭ بىر ئەزاسى بولغان خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ئىجابىي رول ئويناشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر