گۇتېررېس «تەبىئەت غەزەبلىنىپ بىزدىن ئىنتىقامىنى ئالىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ب د ت كىلىمات يىغىنىدا تۈنۈگۈن رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىپ، تەبىئەتنىڭ غەزەپلەنگەن ھالدا ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1275428
گۇتېررېس «تەبىئەت غەزەبلىنىپ بىزدىن ئىنتىقامىنى ئالىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان يىغىندا يېقىنقى 5 يىلنىڭ «ئەڭ ئىسسىق يىللار» سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تىلغا ئالغان گۇتېررېس، «ئىسسىپ كېتىدىغان دۇنيامىز <ئەمدى يەتسۇن> دەپ نالە قىلماقتا. دەرھال تۇرمۇش شەكلىمىزنى ئۆزگەرتمىسەك، ھاياتىمىزنى خەۋپكە ئىتتىرىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

دېڭىز ۋە ئوكيانلاردىكى سۇنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە، مۇزلارنىڭ ئېرىۋاتقانلىقىغا، قۇرغاقچىلىقنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىغا ۋە دالىلاردا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان گۇتېررېس، چۆللەرنىڭ كېڭىيىپ سۇغا ئېرىشىشنىڭ بارغانچە قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تەبىئەت غەزەپلەنمەكتە، ئۇنى ئالدىيالايمىز دەپ ئويلىساڭلار خاتالاشقان بولىسىلەر. چۈنكى تەبىئەت ھەردائىم ئىنتىقامىنى ئالىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تەبىئەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «مېنىڭ نەسلىم كائىناتنى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىدى، بۇ (ئىش) ئۆزگىرىشى كېرەك. كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى كۈرەشتە يېڭىلىپ قېلىۋاتىمىز، بىراق غەلىبە قىلىشىمىزمۇ مۇمكىن. بۇ كىرىزىسنى بىز پەيدا قىلدۇق، چارىسىنىمۇ بىز تېپىشىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر