گېرمانىيە چەت ئەللەردىن 200 مىڭ كېسەل باققۇچى خادىمغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرى جېنس سپان گېرمانىيەنىڭ ھازىرقىي سەھىيە ساھەسىدە 80 مىڭ يېقىن كېسەل باققۇچى بوشلۇقى شەكىللەنگەنلىكىنى ۋە 2030 – يىلىغىچە بۇ ساننىڭ 200 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1274570
گېرمانىيە چەت ئەللەردىن 200 مىڭ كېسەل باققۇچى خادىمغا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە سەھىيە مىنىستىرى جېنس سپان بۇ مەسىلە ھەققىدە مېكسىكادا ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ياخشى نىيەت كېلىشىمى ئىمزالىدى.

جېنس سپان «ZDF» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، گېرمانىيەنىڭ چەت ئەللەردىن كېسەل باققۇچىلارنى ئېلىپ كېلىشكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «چەت ئەللەردىن كېسەل باققۇچى خادىملار كەلمەيدىكەن، بۇ مەسلىسىنى ھەل قىلالمايمىز. ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا 80 مىڭ خادىمغا ئېھتىياجىمىز بار. برېمېن ئۇنىۋېستېتىنىڭ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ بوشلۇق ھەر يىل 10 مىڭلاپ ئاشماقتا. 2030 يىلىدا باققۇچىلىق خىزمىتى قىلىدىغان 200 مىڭ خادىمغا ئېھتىياچلىق ھالغا كېلىپ قالىمىز» دېدى.

گېرمانىيەنىڭ دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ ياشانغان 2 - دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جېنس سپان، بولۇپمۇ نوپۇسى ياش دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

گېرمانىيەنىڭ كېسەل باققۇچى خادىملار بوشلۇقىنى مېكسىكا ۋە فىلىپپىنغا ئوخشاش نوپۇسى ياش دۆلەتلەردىن كېلىدىغان ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق تولۇقلاپ كېتەلەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.  

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر