ترامپ Facebook نىڭ خوجايىنى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى فەيسبوكنىڭ خوجايىنى Mark Zuckerberg بىلەن ئاقسارايدا بىر يەرگە جەم بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «فەيسبوكنىڭ خوجايىنى Mark Zuckerberg بىلەن ئاقسارايدا بىر يەرگە جەم بولدۇق، سۆھبىتىمىز ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.»
Facebook تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «مارك ئەپەندىم كەلگۈسىدە يولغا قويۇلغۇسى ئىنتېرنېت بەلگىلىمىلىرى ھەققدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ ئەندىشىلىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولماقتا. ئۇ، بۇ دائىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى، ئۇچرىشىش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتتى.»
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، «ماڭا سىياسىي گۇمان بىلەن قارايدۇ» دەپ، دائىم دېگۈدەك Facebook ۋە باشقا ئاممىۋى تاراتقۇلارنى تەنقىد قىلىدىكەن.