نېتانياھۇنىڭ دونالد ترامپنى ئالدىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدراسى «FBI»، ئىسرائىلىيەنىڭ دونالد بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئارىسىدىكى سۆھبەتلەرنى تىڭشاش مەقسىتىدە، ئاقساراي ئەتراپىغا ئستىخباراتچىلىق ئەسلىھەلىرى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1272999
نېتانياھۇنىڭ دونالد ترامپنى ئالدىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تۈنجى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن رېكس تىللېرسون، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ دونالد ترامپنى قايىل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىم خاتا مەلۇماتلارنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رېكس تىللېرسون خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كونفېرانستا قىلغان سۆزىدە، نېتانياھۇنى «بەك ئىش قاملاشتۇرالايدىغان سىياسەتچى» دەپ باھالاپ، «شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزى بىر ئاز ماكياۋېللىچىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قالسىڭىز، ھەر دائىم ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە بىر ئاز گۇمان بىلەن مۇئامىلە قىلشىڭىز لازىم» دېدى. 

بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ بەزى مەسىلىلەردە دونالد ترامپنى قايىل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا خاتا مەلۇماتلارنى بەرگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تىللېرسون يەنە مۇنداق دېدى:

«ئۇلار (يەنى ئىسرائىلىيە) ئۆزلىرىنىڭ ياخشى باشقىلارنىڭ يامان ئادەملەر ئىكەنلىكىگە پىرېزىدېنتنى قايىل قىلىش ئۈچۈن خاتا مەلۇماتلارنى بەردى. بۇنى بىر قانچە قېتىم قىلدى. بۇ ئەھۋالنى كېيىنچە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پىرېزىدېنتقا يەتكۈزدۇق. ئۇمۇ ئەھۋالنى چۈشىنىپ يەتتى. <سىزنى ئالدىدى> دېدۇق. بىزگە شۇنچە يېقىن ۋە بىزگە نىسبەتەن شۇنچە مۇھىم بىر ئىتتىپاقدىشىمىزنىڭ بىزگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشى بىزنى ھەقىقەتەن بىئارام قىلدى.»

رېكس تىللېرسون پەلەستىن مەسلىسىگە نىسبەتەن مۇكەممەل بولمىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ھەل قىلىش چارىسى دېيىشكە بولىدىغان بىرەر نۇقتىغا كېلىش مۇمكىنلىكىنى، بىراق بۇنىڭ ئەينى چاغدىكى شارائىتلاردا مۇمكىن بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «يېتەرلىك رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن يېتەرلىك بېسىم بولغان ئەھۋالدا پەلەستىنلىكلەر ئاخىرى بىر ھەل قلىىش چارىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئىدى» دېدى.

نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنى دەسلەپكى كۈنىدىن بېرى ئالاھىدە قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىگەن ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاخباراتلىرىغا چىققان يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدراسى «FBI» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئارىسىدىكى سۆھبەتلەرنى تىڭشاش مەقسىتىدە، ئاقساراي ئەتراپىغا ئىستىخباراتچىلىق ئەسلىھەلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە بۇنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، لېكىن ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇنى رەت قىلغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر