ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇدانغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇل غەيت سۇداننىڭ تاشقى قەرزلىرىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن سۇدانغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

1271873
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۇدانغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەبۇل غەيت رەسمىي زىيارەتتە ۈبولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان سۇداننىڭ پايتەختى خارتۇمدا، سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسما مۇھەممەد ئابدۇللاھ، باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ ھەمدۇق، ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باشلىقى ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھانى قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇل غەيت، سۇداننىڭ 45 مىليارد دوللارلىق تاشقى قەرز مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا خارتۇم ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بولسا ئەبۇل غەيتقا، سۇدانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئۆتكۈنچى باسقۇچ ئەسناسىدا ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۇدانغا كۆڭۈل بۆلۈشى ھەمدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىدا ئويناۋاتقان رولىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

سۇدان ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ باشلىقى بۇرھان بىلەنمۇ پىرېزىدېنت سارىيىدا بىر يەرگە جەم بولغان ئەبۇل غەيت، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۇدان خەلقى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ سۇداننىڭ تاشقى قەرزلىرى مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە سۇداننىڭ تېررورىزمنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلىشى مەسىلىسىدە ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر