ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جائىشانكار: ئازاد كەشمىرمۇ بىر كۈنى بىزنىڭ بولىدۇ

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جائىشانكار، كەشمىرنىڭ پاكىستاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى قىسمى - ئازاد كەشمىر رايونىنىڭمۇ بىر كۈنى ھىندىستاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1271654
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جائىشانكار: ئازاد كەشمىرمۇ بىر كۈنى بىزنىڭ بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان NDTV قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جائىشانكار تاشقى سىياسەتكە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى مەسىلىلەرگە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «پاكىستان ئىشغالىدىكى كەشمىر (ئازاد كەشمىر) ھىندىستاننىڭ بىر پارچىسىدۇر. بىر كۈنى ئۇ يەرگىمۇ ھۆكۈمران بولىمىز، ئەمەلىي ھاكىمىيەت قۇرىمىز» دېگەن.

ئۇ، باش مىنىستىر نارېندرا مودى رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان خەلق پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ كەشمىرنىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى جاممۇ كەشمىر رايونىنىڭ ئاپتونوم سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىپ، مەركەزگە قاراشلىق «بىرلىك زېمىنى» سالاھىيىتىدىكى ئىككى رايونغا ئايرىۋېتىشىدىن كېيىن، پاكىستاننىڭ بۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا ئەرز قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «باشقىلارنىڭ جاممۇ كەشمىر توغرىسىدا نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە پىسەنت قىلماڭلار. ھىندىستاننىڭ بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيەسى 1972 – يىلىدىن بۇيان ئېنىقتۇر. بۇ بىزنىڭ مەسىلىمىز، بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز نەتىجىنى بەلگىلەيدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر