خوڭكوڭدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە

خوڭكوڭ ساقچىلىرى تۈنۈگۈنن (15-سېنتەبىر) كى نامايىشلاردا، ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچى گۇرۇپپا بىلەن قارشى تۇرغۇچى گۇرۇپپىلارنىڭ بىر- بىرىگە تۆمۈر كالتەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1270059
خوڭكوڭدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدا تۈنۈگۈن مىڭلىغان كىشىنىڭ قاتنىشى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلاردىن كېيىن، خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى زوراۋانلىقنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، نامايىشچىلارنىڭ ھۆكۈمەت بىنالىرىغا مولوتوف (شىشىلىك ئوت بومبىسى) ئاتقانلىقىنى، قاتناشنى توسۇپ يوللارغا گۈلخان ياققانلىقى ۋە بۇ خىل زوراۋنلىققا يۈزلىنىشىنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشتىن بەكرەك خەلققە  زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى، شۇڭا ساقچىلارنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

خوڭكوڭ ساقچىلىرى تۈنۈگۈنكى نامايىشلاردا ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچى گۇرۇپپا بىلەن قارشى تۇرغۇچى گۇرۇپپىلارنىڭ بىر - بىرىگە تۆمۈر كالتەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ۋە ساقچى قىسىملىرىنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خوڭكوڭدا تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن تەكلىپىگە قارشى نامايىش باشلىنىپ، 15ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندا، تۈنۈگۈن ھۆكۈمەتكە قارشى گۇرۇپپىلاردىن ئاممىۋى كىشىلىك ھوقۇق فىرونتى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئورۇنلاشتۇردى.

«Causeway Bay» رايونىدىن مەركىزى رايونغا قاراپ يۈرۈشكە ئاتلانغان نامايىشچىلار يولدا ۋان چاي (Wan Chai) ۋە (Admiralty) ئادمىراتلىتى دېگەن جايدا ھۆكۈمەت بىنالىرىغا يېقىن جايلارغا مولوتوف (شىشىلىك ئوت بومبىسى) ئاتتى. 

خىتاي مەنبەلىك خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، نامايىشچىلار بەزى يوللارنى تاقاپ، سودا سارايلارغا زىيان سالغاندىن كېيىن، ۋان چاي (Wan Chai) ۋە (Admiralty) ئادمىراتلىتى رايونلىرىدا مېترو خىزمەتتىن توختىتىلىغان.

ساقچىلار نامايىشچىلارنى تارقىلىپ كېتىشكە چاقىرىق قىلغان. بىراق، نامايىشچىلار يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، ساقچىلار نامايىشچىلارغا بىرونىۋىك ئاپتوموبىل، يۇقىرى بېسىملىق سۇ ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن مۇداخىلە قىلغان، نامايىشچىلارمۇ ساقچىلارغا مولوتوف (شىشىلىك ئوت بومبىسى) ۋە يول گىرۋەكلىرىدىكى خىشلارنى ئېتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن.

خوڭكوڭدا ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلاردا 183 كىشى نارازەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئىچىدىلا يەنە 157 نەپەر نامايىشچىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشى بىلەن بۇ سان جەمئىي 340 قا چىققان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر