سومالى باش مىنىستىرى سۆزلەۋاتقان يىغىلىش ئەسناسىدا پارتلاش يۈز بەردى

سومالى باش مىنىستىرى ھەسەن ئەلى ھايرى تۈنۈگۈن دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى مەرقا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا سۆز قىلىۋاتقاندا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

1269647
سومالى باش مىنىستىرى سۆزلەۋاتقان يىغىلىش ئەسناسىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى باش مىنىستىرى ھەسەن ئەلى ھايرى تۈنۈگۈن دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى مەرقا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشتا سۆز قىلىۋاتقاندا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۆۋەن شابېل رايونىدىكى مەرقا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىلىش مەيدانىدا باش مىنىستىر ھايرى سۆز قىلىۋاتقان ئەسنادا پارتلاش يۈز بېرىپ، 2 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، 5 ئادەم يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ئۈستىگە ئالمىدى؛ باش مىنىستىر ھايرى زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ پايتەخت موقدىشۇغا قايتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سومالىنىڭ ئوتتۇرا شابېل رايونىدا بۈگۈن مەھەللىي ئەمەلدارلارنىڭ ئەششەبابنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ۋەقەدە 5 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر