خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك يۈز بەردى

خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى ئەمەلىي كونتىرول قىلىش لىنىيەسى بولغان «LAC» پاڭگۇڭ كۆلى ئەتراپىدا جىددىيچىلىك يۈز بەردى.

1268307
خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لاداخقا جايلاشقان 134 كېلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پاڭگوڭ كۆلىنىڭ شىمالىدا چارلاشقا چىققان ھىندىستان ئەسكەرلىرى كۆلنىڭ ئۆچتەن ئىككى قىسمىنى كونتىروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغان.

ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوقۇرۇشۇپ قىلىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ياردەمچى قىسىم چاقىرىشى بىلەن جىدىيچىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن.

ھەربىي مەنبەلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىراگىدا قوماندانلىرى سەۋىيەسىدە ئېلىپ بىرىلغان سۆھبەتتىن كېيىن، جىددىيچىلىك پەس كويغا چۈشكەن.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان چېگرا كونتىرول لىنىيەسى «LAC» قا دائىر ئىختىلاپلىق قاراشلار كۆپىنچە ھاللاردا جىددىيچىلىكلەرگە سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا 3500 كېلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسى بار.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2017يىلىمۇ خىتاينىڭ كونتىروللۇقىدىكى دوڭلاڭ يول قۇرۇلۇشى ئەسناسىدا ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ مۇداخىلە قىلىشى سەۋەبىدىن ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بەرگەن ئىدى.

 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر