ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى نېتانياھۇنىڭ سايلام ۋەدىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ باياناتىدىن كېيىن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە جىددىي يىغىن چاقىردى.

1267351
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى نېتانياھۇنىڭ سايلام ۋەدىسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىيوردانىيە دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىيوردان ۋادىسىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قوشۇۋېلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدىن كېيىن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە جىددىي يىغىن چاقىردى.

يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، نېتانياھۇنىڭ سۆزلىرىگە خەتەرلىك يۈزلىنىش دەپ باھا بېرىلدى ۋە ئەيىبلەندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قەدىمىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىدىكى ئىلگىرىلەش پۇرسىتىگە زەربە بېرىپ، بارلىق ئاساسلارنى يوقىتىپ تاشلايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇمچى باياناتلىرىنىڭ يېقىندىن كۈزىتىلىدىغانلىقى، بۇ خىل بىر تەرەپلىمە سىياسەتكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بارلىق قانۇنىي چارىلەرنى ئىشقا سېلىشقا كۈچ چىقىرىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، «مەسئۇلىيەتسىز، قانۇنسىز ۋە خەتەرلىك» دەپ باھا بېرىلگەن مەزكۇر ۋەدىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەت ۋە تەسىرلەرگە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

بۇنيامىن نېتانياھۇ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز يەھۇدىي مەھەللىلىرىنى ئىسرائىلىيەگە قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەييارلىغان «يۈز يىلنىڭ كېلىشىمى» نىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئۇ يەنە، قايتا سايلىنىپ قالغان تەقدىردە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە غەربىي قىرغاقتىكى ئىيوردان ۋادىسىنى ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئىسرائىلىيەگە قوشۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر