ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلماسلىقنى قارارلاشتۇردى

ئەنگلىيەدە  يۇقىرى پالاتا پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى ھېسابلىنىدىغان ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن يوللانغان ۋە دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىشان قىلىنغان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى.

1265135
ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلماسلىقنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇقىرى پالاتا ئاۋام پالاتاسىدا چارشەنبە كۈنى قوبۇل قىلىنىپ، يوللانغان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قانۇن تەكلىپى ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى 2 – ئېلزابىتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىجرا قىلنىشقا باشلىنىدىكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەنگلىيەنىڭ 19 – ئۆكتەبىرگىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئايرىلىش باسقۇچى تاماملانمىسا،  ياكى كېلىشىمسىز ئايرىلىشى ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالالمىسا،  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن 3 ئايلىق مۆھلەت تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوخشىمىغان شەكىلدە مۆھلەت بەرگەن تەقدىردە، بۇنى قوبۇل ياكى رەت قىلىش ھوقۇقى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدە ئەمەس، پارلامېنتتا بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر