ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ئىدلىب مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەسكىرىي بولمىغان ئۇل – ئەسلىھەلەرگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

1264207
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرىنى ئىدلىب مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەسكىرىي بولمىغان ئۇل – ئەسلىھەلەرگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى لازىملىقىنى، بۇ ھۇجۇملارنى ھەرقانداق شارائىتتا ئورۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ب د ت، سۈرىيەدە ھاكىمىيەت كۈچلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىدلىبتا تۆت ئاي بۇرۇن باشلىغان ھەرىكىتىدىن بۇيان رايوندا مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىغا دائىر باياناتىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، سۈرىيە ھاكىمىيىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەكتەپ، سەھىيە ئورۇنلىرى ۋە سۇ تارقىتىش ئورۇنلىرىغا ئوخشاش ئەسكىرىي بولمىغان ئۇل – ئەسلىھەلەرگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئەندىشە ياراتقانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە بۇ ھۇجۇملارنىڭ توختىشى لازىملىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارنىڭ كۆپ ساندا ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى، سۈرىيە خەلقىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئازابقا مۇپتىلا قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر