مۇرسىنىڭ ئوغلى ۋاپات بولدى

مىسىردا تۈرمىدە ئالەمدىن ئۆتكەن، دۆلەتنىڭ دېموكراتىك يوللار ئارقىلىق سايلانغان تۇنجى پىرېزىدېنتى  مۇھەممەد مۇرسىنىڭ كىچىك ئوغلى ئابدۇللاھ مۇرسى يۈرەك كېسىلى قوزغىىپ كېتىپ ۋاپات بولدى.

1263968
مۇرسىنىڭ ئوغلى ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد مۇرسىنىڭ چوڭ ئوغلى ئەھمەد مۇرسى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، قېرىندىشى ئابدۇللاھنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ كېتىپ، دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇرسى ئائىلىسىنىڭ ئادۋۇكاتى ئابدۇلمۆمىن ئابدۇلمەقسۇدمۇ ئابدۇللاھ مۇرسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى خەۋىرىنى جەزەملەشتۈردى.

مۇھەممەد مۇرسى ئىيۇن ئېيىدا سوت مەھكىمىسى زالىدا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ كېتىپ، ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.

نەجلا مەھمۇد بىلەن ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغان مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ئەھمەد، شەيما، ئۇسامە، ئۆمەر ۋە ئابدۇللاھ ئىسىملىك بەش پەرزەنتى بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر