خىتاي ئاخىرى خوڭكۇڭدىكى قانۇن تەكلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندەك قىلىدۇ

خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئاشانلاشتۇرىدىغان ۋە كوللىكتىپ نامايىشلارغا سەۋەب بولغان قانۇن تەكلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1263676
خىتاي ئاخىرى خوڭكۇڭدىكى قانۇن تەكلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغاندەك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونى ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا جىنايەتچىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئاشانلاشتۇرىدىغان ۋە ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان كوللىكتېپ نامايىشلارغا سەۋەب بولغان قانۇن تەكلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

خوڭكوڭدا چىقىدىغان غەربىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭ ۋالىيسىي كاررې لام خوڭكوڭ قانۇن چىقىرىش مەجلىسى ۋە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئاممىۋىي نامايىشلارغا سەۋەب بولغان قانۇن تەكلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كاررې لام نامايىشچىلار بىلەن بىرلىكتە نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي بىئاراملىقلارنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلىشىنى ۋە ھەل قىلىش چارىسى تەكلىپىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىنى مەقسەت قىلغان بىر تەتقىقات كومىتېتى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كاررې لازىم 13 ھەپتىدىن بۇيان خوڭكوڭ كوچىلىرىدا ئۈزلۈكسىز نامايىش قىلىۋاتقانلارنىڭ تەلەپلىرىنى قامدايدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى.

نامايىشچىلار قانۇن تەكلىپىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشدىن باشقا يەنە، نامايىچشىلارغا ساقچىلار تەرىپىدىن قىلىنغان زوراۋانلىقلارنىڭمۇ تەكشۈرۈلىشى ئۈچۈن مۇستەقىل بىر تەتقىقات كومىتېتى قۇرۇلۇشىنى، نازارەتكە ئېلىنغان نامايىشچىلارغا ئومۇمىي يۈزلۈك كەچۈرۈم ئېلان قىلىنىشىنى، نامايىشلارنىڭ «ئىسيان» دەپ ئاتىلىشىغا خاتىمە بېرىلىشىنى ۋە سىياسىي ئىسلاھاتلارنىڭ دەرھال باشلىتىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر