ئىتتىپاقداش كۈچلەر ھۇسىيلارنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1262962
ئىتتىپاقداش كۈچلەر ھۇسىيلارنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ باياناتچىسى تۇركىي ئەلمالىكى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇسىيلارنىڭ يەمەننىڭ پايتەختى سانا (سەنئا) نىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئامران شەھىرىدىن قوزغالغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ھۇسىيلارنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدىكى تالاپەتلىرى يۈزىسىدىن بۇ خىل ھۇجۇملارنى سادىر قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مالىكى، تېگىشلىك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى قەيت قىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان نەجران ئايرودۇرۇمىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرىئى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، نەجران ئايرودۇرۇمىدىكى ھەربىي نىشانلارغا ۋە باشقا ھەربىي ئورۇنلارغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر ھازىرغىچە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر