نەبىھ بەررى: ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىن پايدىلىنىپ كۈچلىنىۋېلىنىشىغا يول قويمايمىز

لىۋان باش مىنىستىرى نەبىھ بەررى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى چوڭ كۈچ بولۇش سۈپىتىنى لىۋاندىن پايدىلىنىپ قولغا كەلتۈرۈشىگە يول قويمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1261790
نەبىھ بەررى: ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىن پايدىلىنىپ كۈچلىنىۋېلىنىشىغا يول قويمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان باش مىنىستىرى نەبىھ بەررى، ئەمەل ھەرىكىتىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەننەباتىييە شەھىرىدە شىئەلەرنىڭ يوقاپ كەتكەن لىدېرى مۇسا ئەسسەدرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئۇ، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا چۈشۈپ كەتكەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا ئۇرۇش ئاچمايدىغانلىقىنى ۋە تېھران بىلەن فىرانسىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن لىۋان ساھەسىگە بۇرۇلدى ۋە 2006 – يىلى 14 – ئاۋغۇستتىن بۇيان ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان چېگرا بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلدى» دېدى.

نەبىھ بەررى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ 17 – سېنتەبىردە ئىسرائىلىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلامدىن بۇرۇن مەنىۋى غەلىبىگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھىزبۇللاھ تەشكىلاتنىڭ قەلئەسى دەپ قارىلىدىغان بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى بىر جايغا 25 – ئاۋغۇست كېچىسى ئىسرائىلىيەنىڭ 2 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتكەنىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ شۇ كۈنى كېچىسى سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقكە يېقىن بەزى جايلارنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە 2 ئەزاسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھىزبۇللاھ، بۇنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

لىۋاننىڭ شەرقىدىكى بەقا رايونىدىكى پەلەستىن خەلق ئازادلىق فىرونتى – باش قوماندانلىقىغا تەۋە جايلار بولسا، 26 – ئاۋغۇست كېچىسى 3 قېتىم ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر