دائېشنىڭ ئاتالمىش باغداد ۋالىيسى ئۆلتۈرۈلدى
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش ۋالىيسى تېررورىست ئابدۇسسالام ھامىد ھاممۇدنىڭ ئىراقنىڭ غەربىدىكى ئەنبار ۋىلايىتىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقان شىئە قوراللىق كۈچلىرى ھاشدى شابىنىڭ ھەيئىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دائېشنىڭ ئاتالمىش ۋالىيسى تېررورىست ئابدۇسسالام ھامىد ھاممۇدنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا ئىراقنىڭ غەربىدىكى ئەنبار ۋىلايىتىدە ھاشدى شابىغا قاراشلىق قىسىملار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەرىكەت جەريانىدا «ئەبۇ نۇر» لەقەملىك تېررورىست ئابدۇسسالام ھامىد ھاممۇدنىڭ ئۆزىنى پارتىلىۋالغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئىراقتا 2017 – يىلى دېكابىردا گەرچە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدىن تازىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئىراق مەسئۇللىرى، شەرقتىكى دىيالا، شىمالدىكى سالاھىددىن ۋە كەركۈك ۋىلايەتلىرى ئارىسىدا قوشاۋدا قالغان دائېش تېررورچلىرىنىڭ خۇسۇسىي شەكىلدە بەزى ھۇجۇم قىلىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى
رۇسىيەدە ۋلادىمىر پۇتىن قەسەم بېرىپ، بەشىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.