ب د ت: ئىدلىبنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى 3 مىليون پۇقرانىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىشى مۇمكىن

ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى دۇجاررىك، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېغىرلىشىۋاتقان سۈركىلىشنىڭ ۋە ئىدلىبقا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ 3 مىليون پۇقرانىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇردى.

1256640
ب د ت: ئىدلىبنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى 3 مىليون پۇقرانىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ب د ت  باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ پۇقرالارغا، دوختۇرخانىلارغا ۋە مەكتەپلەرگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېغىرلىشىۋاتقان سۈركىلىش توغرىسىدا توختىلىپ، «ئىدلىبقا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى 3 مىليون پۇقرانىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يېڭى بىر مەسىلىلەر دولقۇنىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» دېدى.

دۇجاررىك، بارلىق تەرەپلەرنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە 2018 – يىلى ھاسىل قىلغان ئىدلىب كېلىشىمىگە دەرھال قايتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ھامانىڭ شىمالىدا 15 مىڭ ئادەمنىڭ يۇرت – ماكانىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى ۋە يېقىنقى 4 ئايدا يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «نۇرغۇن ئادەم توقۇنۇشلار تۈپەيلى دۆلەت ئىچىدە قېتىم ماكانىدىن مەھرۇم قىلىندى، بەزىلىرى بولسا، ئون قېتىم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان يېرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر