نېگىرىيەدىكى سۇ ئاپىتى 6 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
نېگىرىيەنىڭ شىمالىدىكى جىگاۋا ئۆلكىسىدە شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 6 كىشى ئۆلدى.
1255733
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېگىرىيە دۆلەتلىك جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رايونلۇق ۋەكىلى سانى يا بايانات ئېلان قىلىپ، جىگاۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق گۇرى، كىرىكاسسامما ۋە بىرنى كۇدۇ رايونلىرىدا يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
سانى يا: «شىددەتلىك يامغۇر سەۋەب بولغان سۇ ئاپىتىدە، نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر زىيانغا ئۇچرىدى ۋە بەزىلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشتى. ئۆلگەنلەر ئارىسىدا بىر ھامىلە ئايال، ئىككى كىچىك بالىمۇ بار» دېدى.
ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.