خىتاينى سۇ ئاپىتى پەرىشان قىلماقتا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 200 دىن ئاشتى
خىتايدا ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدىكى شىددەتلىك يامغۇرلار سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 200 كىشى ئۆلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى مۇشۇ ئىككى ئىچىدىكى شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپتىدە 63 كىشىنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىزدەپ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئىيۇل ئېيىدا خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان جايلىرىدا سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ، 154 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 31 كىشىنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە 1 مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئاۋغۇست ئېيىنىڭ بېشىدىن بۇيان بولسا، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 46 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 34 كىشىنىڭ يوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
خىتاي جىددىي ھالەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 12 – ئىيۇلدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۇ ياز بويىچە شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرىدە 19 مىليون 910 مىڭ كىشىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
خىتايدا 1998 – يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق سۇ ئاپتىدە 3700 كىشى ئۆلگەن ئىدى.