ب د ت نىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى: يەمەن پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن گرىفىتس، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يەمەندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

1255867
ب د ت نىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى: يەمەن پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى مارتىن گرىفىتس، يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ ۋەزىيەتنى سۈرئەت بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ بۆلۈنۈش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

يەمەندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەلۇمات بەرگەن گرىفىتس، سەنئا (سانا)، تەئىز، ئەلجەۋف، ئەلبەيدا، ھەججەھ ۋە ئەددالىدا توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بېرىلگەن ۋەدىلەرگە قارىماي، سەنئا ئايرودۇرۇمىنىڭ ھازىرغىچە ئېچىلمىغانلىقىنى، ھۇدەيدە كېلىشىمىنىڭ تېگىشلىك دەرىجىدە تېز ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى، تەئىز توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە كونكرېت قەدەملەرنىڭ تاشلانمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن گرىفىتس، ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى پۇقراۋى ئۇل – ئەسلىھەلەرگە نىشانلىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى جەنۇبتىكى مۇۋەققەت كېڭەشكە قاراشلىق كۈچلەرنىڭ ئەدەندىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىنى قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىنىمۇ ئەيىبلىدى.

ئۇ، يەمەننىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا، زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇشلارنىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى باشقا ۋىلايەتلەرگە يامراش خەۋپىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «يەمەننىڭ بۆلۈنۈش خەۋپى بارغانچە كۈچەيمەكتە، شۇڭا تىنچلىق ئورنىتىش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياج بار. ۋاقىتنى زايە قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئىنسانىي مەسىلىلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىنلىرىدىن ئۇرسۇلا مۇئېللېر بولسا، ئەدەندە ھۆكۈمەت كۈچلىرى بىلەن جەنۇب مۇۋەققەت كېڭىشىگە قاراشلىق كۈچلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلاردا كەم دېگەندە 300 پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ياكى يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر