شاھباز شەرىف ھەم خىتايغا، ھەم تۈركىيەگە رەخمەت ئېيتتى

پاكىستاننىڭ مەركىزىي ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان «پاكىسان مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى/ ناۋاز پارتىيەسى» رەھبىرى شاھباز شەرىف جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى.

1255178
شاھباز شەرىف ھەم خىتايغا، ھەم تۈركىيەگە رەخمەت ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ مەركىزىي ئۆكتىچى پارتىيەسى بولغان «پاكىسان مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى/ ناۋاز پارتىيەسى» رەھبىرى شاھباز شەرىف جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا كەشمىر مەسىلىسىدە پاكىستاننى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى.

شاھباز شەرىف تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناناتىدا، «كەشمىر مەسلىسىدە پاكىستاننى كۈچلۈك ۋە قەتئىيلىك بىلەن قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە پاكىسان مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى/ ناۋاز پارتىيەسى نامىدىن تۈركىيەگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن» دېدى. 

بۇنىڭغا قارىتا، «تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان ئىشەنچلىك چىن دوست بولۇپ كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى» دەپ باھا بەرگەن شاھباز شەرىق، «شۇنىڭغا كاپالەتلىك بېرىمەنكى، پارتىيەم ۋە مەن بۇ قېرىنداشلىق رىشتىمىزنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى. 

شاھبار شەرىف جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دىنامىك كۈچكە ئىگە يىراقنى كۆرەر رەھبەرلىكى ئاستىدا تۈركىيە ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ باياشاتلىق ۋە غەلىبە ئۇتۇق تېلەپ دۇئا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شاھباز شەرىف خىتاي بىلەن پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا «تۆمۈر قېرىنداشلار» دېگەن ئوخشىتىشنى ئىشلىتىپ، كەشمىر مەسىلىسىدە پاكىستاننى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغىمۇ رەخمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر