ئىتالىيەدە ھۆكۈمەت كىرىزىسى يامانلاشماقتا

ئىتالىيەدە بىرلەشكە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى كىرىزىس بارغانسېرى يامانلاشماقتا.

1252458
ئىتالىيەدە ھۆكۈمەت كىرىزىسى يامانلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشى پىكرىي جەھەتتىن ئىختىلاپ تۇغۇلغان  تېز سۈرئەتلىك پويىز لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشىدىن كېيىن، تۈنۈگۈن جىددىي يىغىن چاقىردى. يىغىندا تەكلىپلەر رەت قىلىندى. پالاتا بۇ ھەقتە يېڭى كۈنتەرتىپ بېكىتمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ھۆكۈمەت كىرىزىسنى بىر ھەپتە كېچىكتۈرگەن بولدى.

ئىتالىيە تاراتقۇلىرى، 20 – ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى باش مىنىستىر گىئۇسېپپې كونتېنىڭ نۇتىقىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىتالىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان پىكىر ئىختىلاپلىرى سەۋەبىدىن زىتلىشىپ قېلىۋاتقان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكلىرىدىن لىگ پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ماتتېئو سالۋىنى، ھۆكۈمەت پارلامېنتتا كۆپ سانلىق سالاھىيىتىنى يوقىتىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر