سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ھۇسىيلار تەرىپىدىن يوللانغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى.

1251591
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «‹ SPA › ئاگېنتلىقى» نىڭ ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى تۈركى ئەلمالىكىنىڭ باياناتىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇسىيلار تەرىپىدىن يوللانغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن. ئىران قوللاۋاتقان ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي ئىشلار باياناتچىسى يەھيا سەرى ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ھامىس مۇشايت شەھىرىدىكى پادىشاھ خالىد ئايرودۇرۇمىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، يەمەندىكى ھۇسىيلار يېقىندىن بۇيان بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغان ئوتتۇرا ۋە يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن سىرت يەنە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىمۇ ئىشقا سېلىپ، جازان ۋە ئەبھە ئايرودۇرۇملىرى قاتارلىق بەزى رايونلارغا ھۇجۇم قىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر