ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىزلا ئايرىلىشقا تەييارمىز

ئەنگلىيە مەلىكىسى ئىككىنچى ئېلىزابېت ھۆكۈمەت تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى بورىس جونسونغا تاپشۇردى.

1241924
ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىزلا ئايرىلىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋزى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى بولغان بورىس جونسون، 31 – ئۆكتەبىردە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىدىغانلىقلىرىنى، كېلىشىمسىزلا ئايرىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ، تىرېسا مېينىڭ باش ۋەزىرلىكتىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى مەلىكە ئىككىنچى ئېلىزابېتقا سۇنۇشىدىن كېيىن بۇكىڭھام سارىيىغا باردى.

بورىس جونسون سارايغا مېڭىۋاتقاندا بىر گۇرۇپپا نامايىشچى ئۇنىڭ يولىنى توسۇۋېلىشقا ئۇرۇندى. ئۇ ئارقىدىن باش ۋەزىرلىك سۈپىتى بىلەن تۇنجى قېتىم باش ۋەزىرلىك بىناسى ۋە خىزمەت ئورنى 10 نومۇرغا باردى. بىنادا خىزمەتداشلىرى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان جونسۇن سۆز قىلىپ، «31 – ئۆكتەبىردە (ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن) ئايرىلىمىز؛ (بۇنىڭ) ئەگەرى، لېكىنى يوق. يېڭى ۋە تېخىمۇ ياخشى بىر كېلىشىم تۈزىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر