ئاۋستىرىيەگە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان كۆچمەنلەر ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلدى

ۋىنگېرىيەدىن ئاۋسترىيەگە بىر مىنىبۇسنىڭ ئۈستى يېپىق كۇزۇپىغا يوشۇرۇنۇپ ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنغان 16 كۆچمەن ھاۋا يېتىشمەي ئۆلۈپ كېتىشكە ئازلا قالغاندا قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1241509
ئاۋستىرىيەگە ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان كۆچمەنلەر ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىنگېر خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گيۆر – موسون – سوپرون رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، يەكشەنبە كۈنى 16 نەپەر قانۇنسىز كۆچمەننى مىنىبۇسنىڭ يېپىق كۇزۇپىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭغان رومېنىيەلىك بىر كىشىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

باياناتتا، گۇماندارنىڭ، 15 ى ئافغانىستان، بىرى ئىران پۇقراسى بولۇپ جەمئىي 16 ئادەمنى ۋىنگېرىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى چېگرادا مىنىبۇسىغا سېلىپ دۆلەتنىڭ غەربىي چېگراسىغا قاراپ يولغا چىققانلىقى، يولدا مۇساپىرلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا پۇرسەت بەرمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سەپەر جەريانىدا ھاۋا يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن مىنىبۇسنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشقا تىرىشقانلىقى، ماشىنىغا مۇشتلاش ئارقىلىق شوپۇرنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، مىنىبۇسنىڭ ئاۋسترىيە چېگراسىدىكى سوپران رايونىدا ساقچىلار تەرىپىدىن توختىتىلىپ تەكشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئادەم ئەتكەسچىسى دەپ قارىلىۋاتقان گۇماندار ئۈستىدىن لىيۇكسېمبۇرگ تەرىپىدىنمۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر