ترامپنىڭ قىزى تىففانىي تۈرك كاۋاپچى نۇسرەت گۆكچەنىڭ مېھمىنى بولدى

كاۋاپنى ئۆزگىچە تۈزلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان ئاتاقلىق تۈرك كاۋاپچى نۇسرەت گۆكچە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قىزى تىففانىينى كۈتۈۋالدى.

1241472
ترامپنىڭ قىزى تىففانىي تۈرك كاۋاپچى نۇسرەت گۆكچەنىڭ مېھمىنى بولدى
tiffany trump-nusret.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۈسرەت گۆكچەنىڭ گىرېتسىيەدىكى ئەڭ ئارزۇلۇق ساياھەت رايونى مىكونوستىغا جايلاشقان رستورانىدا دونالد ترامپنىڭ 25 ياشلىق قىزى ئۈچۈن ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى.

تىففانىينىڭ قوغدىغۇچىلىرى تاماقتىن ئىلگىرى ھەم رېستۇراننى، ھەم رايوننى بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقتى. ئاندىن تىففانىي ترامپ رېستوراندا دوستلىرى بىلەن زىياپەت ئۆتكۈزدى.

تىففانىي ترامپ تاماقتىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇسرەت گۆكچەمۇ تىففانىي ترامپ بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى «01.50» دېگەننى قوشۇپ ئىنستاگرام ئادرېسىدا  ھەمبەھىرلىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر