رۇسىيە جەنۇبىي كورېيەگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھاۋا سەھەسىگە تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسىدە قەستەنلىك يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1241352
رۇسىيە جەنۇبىي كورېيەگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە رايونى «ADIZ» دەپ ئېلان قىلغان رايونىغا رۇخسەتسىز كىرگەنلىكى تۈپەيلى يۈز بەرگەن يىرىكچىلىكلەردىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيەگە يوللىغان سۆزىدە، يۈز بەرگەن ۋەقەدىن چوڭقۇر پۇشايمانلىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە خەۋەر ئاگنتلىقى «Yonhap» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنتلىق سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باش كاتىبى يون دوخان رۇسىيەنىڭ سېئۇلدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋەكىللىك ئىشخانىسى ئارقىلىق يوللىغان سۆزىدە، ھاۋا ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسىدە قەستەنلىك يوقلۇقىنى، ئايروپىلانلارنىڭ تېخنىكىلىق بىر خاتالىق سەۋەبىدىن يۆنىلىشىدىن ئېزىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيەنىڭ سېئۇلدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋەكىللىك ئىشخانىسى ۋەقە سەۋەبىدىن چوڭقۇر پۇشايمانلىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان باش كاتىب يون دوخان: «ۋەقە ھەققىدە دەرھال تەكشۈرۈش باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق» دېدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ھاۋا مۇداپىئە رايونى «ADIZ» دەپ ئېلان قىلىنغان ھاۋا ساھەسىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۈچ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانىغا ئوق چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر