لىۋىيەدە خەلىفە ھافتەر كۈچلىرى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىندى

لىۋىيەدە مېموراندۇم ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھاۋا قىسىملىرى پېنسىيونىر گېنېرال خەلىفە ھافتەر كۈچلىرىنىڭ پايتەخت تىرىپولىنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشقان قىسىملىرىنى بومباردىمان قىلدى.

1239756
لىۋىيەدە خەلىفە ھافتەر كۈچلىرى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مېموراندۇم ھۆكۈمىتى ھاۋا قىسىملىرىنىڭ ھافتەرگە قارشى باشلىغان «بۇركان ئەل گاداپ» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى مۇستافا ئەلمەجى، پايتەخت تىرىپولىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ۋادى ئەررابى، ئەسسابىيا ۋە كونا ئايرودۇرۇم رايونلىرىدىكى ھافتەر كۈچلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى خەلىفە ھافتەر تىرىپولىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن 2019-يىلى 4-ئاپرېلدا ھۇجۇم بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ئىدى. خەلقئارادا تونۇلغان لىۋىيە مېموراندۇم ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى ھەربىي قىسىملار بولسا، بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر