ھەسەن رۇھانى ئىراننىڭ تاشقى قەرزىنىڭ ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىراننىڭ تاشقى قەرزىنىڭ 12 مىليارد 400 مىڭ دوللاردىن 9 مىليارد 500 مىڭ دوللارغا ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى.

1235456
ھەسەن رۇھانى ئىراننىڭ تاشقى قەرزىنىڭ ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىرانغا ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلىۋتقان بولسىمۇ، ئىراننىڭ تاشقى قەرزىنىڭ 12 مىليارد 400 مىڭ دوللاردىن 9 مىليارد 500 مىڭ دوللارغا تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي خوراسان ۋىلايىتىنىڭ شىرۋان شەھىرىنى زىيارەت قىلغان پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى، ئىراننىڭ زور قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى، 14 ئايدىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، 2017-يىلى ئىراننىڭ تاشقى قەرزىنىڭ 12 مىليارد 400 مىڭ دوللاردىن 9 مىليارد 500 مىڭ دوللارغا تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ ئورنىدا باشقا بىر دۆلەت بولغان بولسا بەرداشلىق بېرەلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى، ئىراننىڭ ئامېرىكاغا ئىزچىل قارشىلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران ھۆكۈمىتىگە قاراتقان بارلىق سىياسەتلىرىنىڭ «مەغلۇبىيەت»بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا دائىرلىرىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرى سەۋەبىدىن ئىران قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىكلەر ۋە خەلقئارا فوندى تەشكىلاتلىرىدىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم تەلەپ قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان ھەسەن رۇھانى، ئىراندا ئىشسىزلىق نسىبىتىنىڭ بۇلتۇر %12.1 ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل بولسا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ %10.8 تۆۋەنلەپ، 321 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر