ئامېرىكا ھىزبۇللاھ پارلامېنت ئەزالىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى لىۋان پارلامېنتتىدىكى ئىككى نەپەر ھىزبۇللاھ پارلامېنت ئەزاسىنى تۇنجى قېتىم «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزدى.

1233479
ئامېرىكا ھىزبۇللاھ پارلامېنت ئەزالىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ بايلىقلىرىنى كونتىرول قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پارلامېنت ئەزاسى بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھىزبۇللاھ ۋە ئىراننىڭ يامان نىيەتلىك تەشۋىقاتلىرىنى تەشۋىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك بەزى مۇھىم سىياسىيونلار ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى چەت ئەللىكلەرنىڭ بايلىقلىرىنى كونتىرول قىلىش ئىشخانىسى ھىزبۇللاھ پارلامېنت ئەزاسى بولغان ئامىن شېررى بىلەن مۇھەممەد ھەسەن رەئدنى، ھىزبۇللاھ دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىمى ۋافىق سەفانى <ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى> گە كىرگۈزدى. بۇ ئېمبارگولار ھىزبۇللاھنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرى بىلەن زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئوتتۇرىسىدا قىلچە پەرق يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى لىۋان ھۆكۈمىتىنى ئىران ۋە ئىراننىڭ تېررورچى گۇماشتىلىرىدىن قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كىرىشى مەنئىي قىلىنىدىكەن، مال – مۈلۈكلىرى توڭلىتىپ قويۇلىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بۇ ئورۇنلار ۋە شەخسلەر بىلەن پۇل – مۇئامىلە ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ۋە ئورۇنلارغىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى 2017 – يىلدىن بۇيان «ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكى» گە كىرگۈزگەن ھىزبۇللاھ ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى 50 تىن ئاشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر