شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىگە تەۋە بىر ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا بىرلەشمە قىسىملىرى شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىگە تەۋە بىر ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

1231440
شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىگە تەۋە بىر ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا بىرلەشمە قىسىملىرى، يەمەندىكى شىئە ھۇسىيلار تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قويۇپ بېرىلگەن ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

خەلقئاراا بىرلەشمە قىسىملىرىنىڭ باياناتچىسى ئوفىستېر تۈركى ئەل مالىكى بۇ ھەقتە يازما بايانات بېرىپ، شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن يەمەننىڭ پايتەختى سەنئادىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قويۇپ بېرىلگەن ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ، بىرلەشمە قىسىملار تەرىپىدىن يەمەن زېمىنىدىلا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ نىشاننى بىتچىت قىلغانلىقى توغرۇلۇق تارتقان خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتقان باياناتچى مالىكى، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرمەستىن بۇرۇنلا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

مالىكى مۇنداق دېدى: «شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرى ئىزچىل بىگۇناھ خەلققە ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ ئۇلارنى ھۇجۇم قوزغىيالماس قىلىپ قويىمىز.»

شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرى تۈنۈگۈن ئەتىگەن بايانات بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئابخا ۋە جازان ئايرودۇرۇملىرىغا ئىنسانسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرى 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان يەمەندە پايتەخت سەنئا ۋە بەزى رايونلارنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ تۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا بىرلەشمە قىسىملىرى 2015-يىلى مارتتىن بۇيان شىئە ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر