رۇسىيە «S-400» كېلىشىمىنىڭ پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ (Dmitriy Peskov) «S-400» كېلىشىمىنىڭ پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
1230887
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ «S-400» ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ كېلەر ھەپتە تۈركىيەگە ئەۋەتىش ئىشلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتلار ئۈستىدە توختالدى. ئۇ تاپشۇرۇپ بېرىش مۇساپىسىنىڭ پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كرېمىلنىڭ باياناتچىسى سۈپىتىدە <S-400> كېلىشىمىنىڭ پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەستىقلايمەن» دېدى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مۇداپىئە سانائىتىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل دەمىر تۈنۈگۈن (4-ئىيۇل) «S-400» لەرنى تاپشۇرۇش ۋاقىت جەدۋېلىگە مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلغان باياناتىدا: «تاپشۇرۇش ۋاقتىنى مەن دېمەي، ئەمما ئىيۇلنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى يېتىپ كەلگەندە كۆرىسىلەر» دېگەن ئىدى.