جەنۇبىي كورېيەدىن پاناھلىق تېلىگەن شىمالىي كورېيەلىكلەرنىڭ سانى ئېلان قىلىندى

بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا 546 شىمالىي كورېيەلىك جەنۇبىي كورېيەدىن پاناھلىق تېلىدى.

1228876
جەنۇبىي كورېيەدىن پاناھلىق تېلىگەن شىمالىي كورېيەلىكلەرنىڭ سانى ئېلان قىلىندى

 

 

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە مىنىستىرلىقى دېكابىردىن ئىيۇن ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە جەنۇبىي كورېيەدىن پاناھلىق تېلىگەن شىمالىي كورېيەلىكلەر سانىنىڭ 546 ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. 

خەۋەردە، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە بۇ ساننىڭ 487 ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. 

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن 2011 يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋەزىپىگە ئۆلتۈرغاندىن بۇيان ھەر ئاي ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500 شىمالىي كورېيەلىكنىڭ جەنۇبىي كورېيەدىن پاناھلىق تېلەۋاتقانلىقىنى، جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ شىمالىي كورېيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا قىلىنىدىغان دۆلەت ياردىمىنى ئۆستۈرۈشىنى پىلانلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

جەنۇبىي كورېيەدە ھازىر 32 مىڭدىن كۆپرەك شىمالىي كورېيەلىك پاناھلانغۇچى ياشىماقتا.

جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە مىنىستىرلىقى، ئالدىنقى يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدىن نويابىر ئىيىگىچە بولغان مەزگىلدە مىڭدىن ئارتۇق شىمالىي كورېيەلىكنىڭ پاناھلىڭ تېلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر