ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يەنە كېلىشەلمىدى

بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا يەنە نەتىجە چىقمىدى.

1227692
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يەنە كېلىشەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا، نەچچە سائەت مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ يەنىلا نەتىجە چىقمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا تۈنۈگۈن كەچتە باشلىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى بۈگۈنمۇ داۋاملاشتى.

ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى دائىرىسىدە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 22:00دىن ئەتىگەن سائەت 07:30غىچە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرىنى بېكىتىپ چىقىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمىدى.

ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ھەر قايسى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق ئورگانلارنىڭ باشلىقلىرىنى بېكىتىپ چىقىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەكتە.

يىغىندا رەھبەرلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا مەركەز بانكىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلىگە ئوخشاش مۇھىم ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىنى بېكىتىپ چىقىش ئۈچۈن باش قاتۇرماقتا.

يىغىندا ھەممىدىن بەك ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا كىمنىڭ باشلىق بولۇش مەسىلىسى توغرۇلۇق كەسكىن مۇنازىرىلەر بولماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى بولۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش كېرەك.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى لىيۇكسېمبۇرگلۇق جېن كلاۋۇد جۇنكېرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 31-ئۆكتەبىردە ئاخىرلىشىدۇ.

  1. نويابىردا بولسا يېڭى سايلانغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ۋەزىپە ئۆتۈشى كېرەك.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا 2- ئىيۇلدا باشلىنىدىغان يېڭى دەۋردىن ئىلگىرى چوقۇم قارار چىقىرىشى كېرەك.

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلىشىدىغان ياۋروپا پارلامېنتى باشلىقى ئانتونيو تاجانىنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان يېڭى باشلىق 3-ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا پارلامېنتى يىغىنىدا سايلىنىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تاسكنىڭ ۋەزىپىسى 30-نويابىر، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنىنىڭ ۋەزىپىسى 31-ئۆكتەبىردە ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر