ئابباسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارلىق يىغىن چاقىرىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

مەھمۇد ئابباسنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1225216
ئابباسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارلىق يىغىن چاقىرىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ بەھرەيىندە ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قارشى خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پەلەستىننىڭ ئالجىرىيە ئەلچىسى ئەمىن ماقبۇل، ئەلچىخانا بىناسى ئالدىدا «ماناما يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ۋە 21-ئەسىر كېلىشىمى»گە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئانادولو ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

مەھمۇد ئابباسنىڭ بەھرەيىندە ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قارشى خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ماقبۇل: مەھمۇد ئابباس ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەر ئۈستىدىكى نوپۇزىنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن چاقىرىلماقچى بولغان يىغىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارماقتا، دېدى.

مەھمۇد ئابباسنىڭ رۇسىيە، فىرانسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنى پەلەستىن مەسىلىسى توغرۇلۇق خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ماقبۇل، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ مەھمۇد ئابباسنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرىگە بۇزغۇنچلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«بىز ئامېرىكانىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى قوبۇل قىلالمايمىز، شۇڭا خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىشنىڭ پىلانىنى قىلىۋاتىمىز، بۇ  يىغىنغا ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تەكلىپ قىلدۇق»دېگەن ماقبۇل، ئامېرىكانىڭ خەلقئارادا پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە توسالغۇ بولۇپ كېلىشى تۈپەيلى، خەلقئارادا پەلەستىن مەسىلسى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بەھرەيىننىڭ پايتەختى مانامادا تۈنۈگۈن باشلىغان ۋە بۈگۈن ئاخىرلىشىدىغان «تەرەققىيات ئۈچۈن تىنچلىق»ناملىق ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى، ئامېرىكانىڭ ئىسرائلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانى دائىرىسىدە ئېلان قىلىنىشى كۈتۈلىۋاتقان «ئەسىرلىك كېلىشىم»لايىھەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر