ترامپ ئىرانغا يەنە تەھدىت سالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلىتىنىڭ ئىران تەرىپىدىن بىرەر ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1225358
ترامپ ئىرانغا يەنە تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – ئىران ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش توغرۇلۇق توختالغاندا، تېھراننىڭ ئادەگەرچىلىك ۋە مېھىر – شەپقەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئىرانلىقلارنىڭ چۈشىنىدىغىنى كۈچ – قۇۋۋەتتۇر؛ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيەگە ئىگە كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ، ئارمىيەمىزگە پەقەت يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدىلا 1.5 تىرىليون دوللار چىقىم قىلىندى.  ئىران خەلقى تېھران دائىرىلىرىنىڭ خاتا تاللىشى ۋە تېررورىزمغا مەبلەغ سېلىشى سەۋەبىدىن دەرد - ئەلەم تارتىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، ئىران كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومبا ھۇجۇملىرىنىڭمۇ جاۋابكارىدۇر. ئىران دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ھاماقەتلەرچە ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك باياناتلىرى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا ئىران تەرىپىدىن بىرەر ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، قاتتىق جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ، چۈنكى ئەمدى جون كېرى ۋە ئوباما يوقتۇر.»

ترامپ جۈمە كۈنى ئىرانغا قارىتا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلىشى توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى، لېكىن 150 ئەتراپىدا ئىرانلىقنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئاخبارات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ھۇجۇم بۇيرۇقىنى توختاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئىران تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلىشىدىن كېيىن، تۈنۈگۈن ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە تېھرانغا قارىتا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفنىڭمۇ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلىدىغانلار ىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابباس مۇسەۋى بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف نىشان قىلىنغان ئېمبارگولىرى ئارقىلىق دىپلوماتىيەنىڭ ئىشىكلىرىنى تامامەن تاقىۋالغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر