سۇنداندا ھەربىي ۋاقىتلىق كېڭىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈنۈگۈن كېچە سۇداننىڭ بەزى شەھەرلىرىدە ھەربىي ۋاقىتلىق كېڭىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1225293
سۇنداندا ھەربىي ۋاقىتلىق كېڭىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداندا پايتەخت خارتۇم، ئۇمدۇرمەن ۋە ئەتبارا شەھەرلىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشچىلار ھەربىي ۋاقىتلىق كېڭىشىنى ھاكىمىيەتنى خەلققە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە چاقىردى.

سۇداننىڭ شەرقىگە جايلاشقان قادارىف شەھىرىدە ھەربىي ۋاقىتلىق كېڭىشىگە قاراشلىق قوراللىق قىسىملار، مۇخبىرلارنى ۋاقىپلاندۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلارنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ تارقىتىۋەتتى.

ئۆكتىچىلەر ئۆمەر ئەل بەشىرنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ھەربىي ۋاقىتلىق كېڭىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

سۇداندا 2018-يىلى 19-دېكابىردا ئىقتىسادىي كىرىزىس تۈپەيلى باشلىغان نامايىشلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسيانلارغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن كېيىن، سۇدان ئارمىيەسى 11-ئاپرېلدا ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلاپ 30 يىللىق ئۆمەر بەشىر ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ.

ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ھەربىي ۋاقىتلىق كېڭىشى بىلەن ئۆكتىچىلەر، دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئۆتكۈزۈپ ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش مەسىلىسىدە كېلىشكەن بولسىمۇ، پىرىزىدېت، پارلامېنت ۋە كابېنت ئەزالىرىنى قانداق سايلاپ چىقىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلالمايدۇ.

سۇدان خەۋپسىزلىك قىسىملىرى 3-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە پايتەخت خارتۇمدىكى ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابى ئالدىدا، 6-ئاپرېلدىن بۇيان ھۆكۈمەت قۇرۇش چىقىش تەلىپى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان نامايىشچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە ئوق چىقىرىپ تارقىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا ھەربىي ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچىلەر ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان سۆھبەتلەر توختىتىلىدۇ.


خەتكۈچ: #سۇدان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر