مۇئېللېر، پالاتا ئەزالىرىنىڭ «رۇسىيە تەكشۈرۈشى» گە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا رۇسىيەگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلىرىنى مارت ئېيىدا ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆتكەن ئايدا دېلو ماتېرىيالىنى يېپىۋەتكەن ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش روبېرت مۇئېللېر، 17 – ئىيۇلدا ئاۋام پالاتادا ۋەكىللەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.

1225143
مۇئېللېر، پالاتا ئەزالىرىنىڭ «رۇسىيە تەكشۈرۈشى» گە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەدلىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ دېموكراتىك قاناتقا مەنسۇپ باشلىقى جېررولد نادلېر بىلەن ئىستىخبارات ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يەنە دېموكراتىك قاناتقا مەنسۇپ باشلىقى ئادام شىف قوشما يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مۇئېللېرنىڭ پالاتادا قىلىدىغان سۆزلىرى توغرىسىدا توختالدى.

مۇئېللېرنىڭ «دۆلەت مەجلىسىدە سوئاللارغا جاۋاب بېرىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» نى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن نادلېر بىلەن شىف، ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش مۇئېللېرنىڭ، 17 – ئىيۇلدا ئىككى كومىتېت ئەزالىرىنىڭ رۇسىيە تەكشۈرۈشىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئالاھىدە ھوقۇقلۇق مۇپەتتىش روبېرت مۇئېللېر، ترامپ ۋە 2016 – يىلىدىكى سايلام سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل بولغان خادىملارنىڭ رۇسىيە بىلەن يوشۇرۇن كېلىشىم تۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋالارغا ئالاقىدار 22 ئاي داۋاملاشقان تەكشۈرۈش دوكلاتىنى 22 – مارتتا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا سۇنغانىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرى ۋىليام بار بولسا، دوكلاتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى بىر مەكتۇپ ئارقىلىق دۆلەت مەجلىسىگە مەلۇم قىلغان ۋە ترامپنىڭ رۇسىيە بىلەن يوشۇرۇن ھەمكارلىق ئورناتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يەكۈن چىقىرىلالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

ترامپ، دوكلات ئارقىلىق پۈتۈنلەي ئاقلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، دېموكراتىك قانات ترامپنىڭ «ئادالەتنىڭ نامايان بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى» نى دەۋا قىلغانىدى.

مۇپەتتىش مۇئېللېر 29 – مايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە تەكشۈرۈشىگە ئالاقىدار ماتېرىيالنىڭ رەسمىي يۇسۇندا يېپىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر