سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خەلقئارا ئەبخا ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەسىر رايونىدىكى خەلقئارا ئەبخا ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1223762
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خەلقئارا ئەبخا ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئەسىر رايونىدىكى خەلقئارا ئەبخا ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 1 ئادەم ئۆلدى، 7 ئادەم يارىلاندى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەل-ئەرەبىيە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە كۆرە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەخمىن قىلىنغان ھۇجۇمدا خەلقئارا ئەبخا ئايرودۇرۇمىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىكى 8 ئادەم يارىلانغان.

ھۇجۇمدا يارىلانغان بىر سۈرىيەلىكنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى ھۇجۇم توغرۇلۇق ھازىرغىچە بايانات بەرمىدى.

يەمەندىكى شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرى 12-ئىيۇندا ئەبخا ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قوزغاپ 26 ئادەمنى يارىلاندۇرغانىدى.

شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرى كېيىنكى مەزگىللەردە ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك بالىستىك راكېتامىيوتلار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بەزى رايونلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ كەلمەكتە.

شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرى 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان يەمەننىڭ پايتەختى سەنئا بىلەن بەزى رايونلارنىڭ تىزگىنىنى قولىدا تۇتۇپ كەلمەكتە، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى 2015-يىلى مارتتىن بۇيان شىئە ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر