«<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» داۋاملاشماقتا
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىشان قىلىنغان « ھەربىي ھەرىكىتى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا.
1223984
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «<پەنچە> ھەربىي ھەرىكىتى» داۋامىدا 3 كىرىش ئېغىزى بار بىر غاردا، كۆپ ساندا قورال - ياراغ، ئوق - دورا ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرۇق رايونىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان <پەنچە ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت 3 كىرىش ئېغىزى بار بىر غاردا، كۆپ ساندا قورال - ياراغ، ئوق - دورا ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.»