ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرسنىڭ مۇشۇ ئاي (ئىيۇن) نىڭ ئاخىرىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1218397
ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «3.5 يىلدىن كېيىن، بىزنىڭ لاتاپەتلىك باياناتچىمىز ساراھ ساندېرس ئاقسارايدىن ئايرىلىپ، يۇرتى ئاركانساسقا قايتىدۇ» دېدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا يەنە، ساراھ ساندېرسقا «يۇقىرى ئىقتىدارلىرى ئالاھىدە كىشى» دەپ باھا بەردى ۋە خىزمىتى جەريانىدا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «شۇنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ساراھ ساندېرس ئاركانساس ۋالىي سايلىمىغا قاتناشسۇن، شۇنداق بولسا، قالتىس ئىش بولىدۇ. ساراھ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭنى تەبرىكلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر