ترامپ مېكسىكا بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى ئاشكارىلاپ قويدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مېكسىكا بىلەن تۈزگەن كۆچ كېلىشىمىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى خاتا ھالدا ئاشكارىلاپ قويدى.

1217428
ترامپ مېكسىكا بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنى ئاشكارىلاپ قويدى
trump meksika anlasma1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ مېكسىكا بىلەن مەخپىي كۆچ كېلىشىمى تۈزگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى، بىراق ئاقساراي كېلىشىمنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىغا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

پىرېزىدېنت ترامپ مېكسىكا كېلىشىم تۈزۈشنى رەت قىلغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، كېلىشىم شەرتلىرى يېزىلغان ھۆججەتنى مۇخبىرلارغا كۆرسەتتى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى (Washington Post) ئېلان قىلغان خەۋەردە، مەزكۇر گېزىتنىڭ فوتوگراف مۇخبىرى جېيبىن بوتسفورد (Jabin Botsford) تارتقان فوتوگرافتا، كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ۋە قويۇلغان ئىمزالار كۆرۈنۈپ قالدى.

ھۆججەتتە، ئامېرىكادىن پاناھلىق تىلىگەن ئوتتۇرا لاتىن ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىلتىماسلىرىغا قاراپ چىقىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ مېكسىكادا تۇرغۇزۇلىدىغانلىقى ۋە مېكسىكارنىڭ بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەت سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر