ئىسرائىلىيە ئەسەدكە تەۋە ھەربىي بازىلارنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە بەزى ھەربىي بازىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1212652
ئىسرائىلىيە ئەسەدكە تەۋە ھەربىي بازىلارنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە بەزى ھەربىي بازىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان تۆپىلىكىنىڭ شىمالىدىن تۈنۈگۈن كېچە ئىسرائىلىيە زېمىنىغا راكېتامىيوت قويۇپ بېرىلگەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ھەربىي بازىلارنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بومباردىمان ئەسناسىدا سۈرىيە تەرىپىدىن راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقى، لېكىن ئىسرائىلىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى نەتىجىسىدە راكېتامىيوتلارنىڭ ئىسرائىلىيە زېمىنىغا چۈشمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھۇجۇم كۆرۈنۈشلىرىنى ۋە ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان يەرلەرنىڭ خەرىتىلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋ سانا خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا 3 ئەسكەرنىڭ ئۆلۈپ 7 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سانانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى سۈرىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى ۋە دەمەشىقنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەزى ھەربىي بازىلارغا ئېتىلغان راكېتامىيوتلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر