ئامېرىكا: 4 سودا پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئىران بار
ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولتون ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ فۇجەيرە پورتى ئەتراپىدا 4 سودا پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئىراننىڭ بارلىقىغا ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بولتون ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئەرەب تىلىدا تارقىتىش بېرىدىغان، مەركىزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى «‹ئەلھۇررە› تېلېۋىزىيە قانىلى» دا ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ فۇجەيرە پورتى ئەتراپىدا 13 – ماي كۈنى 4 سودا پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئىراننىڭ بارلىقىغا ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلىدۇ.»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رايونغا زاپاس قىسىملارنى ئەۋەتىشى ۋە بۇ ئەھۋالغا چاقماق تېزلىكىدە ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ، ئىرانغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بولتون، ئىراننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ «ناھايىتى چوڭ خاتالىق» بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق بىر پوزىتسىيەنىڭ مۇزاكىرە تەلىپىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پۇتىن قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى
رۇسىيەدە ۋلادىمىر پۇتىن قەسەم بېرىپ، بەشىنچى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى رەسمىي باشلىدى.