كابۇلدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى مارشال فاھىم ھەربىي مەكتىپىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 6 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
1211228
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كابۇل جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى فىردەۋس فارامارز، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى مارشال فاھىم ھەربىي مەكتىپىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا پارتلاتقانلىقىنى، ھۇجۇمدا 6 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 6 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.