ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشىدىن خۇرسەن بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1210086
ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس، ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشىدىن خۇرسەن بولغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

باياناتچى مورگان ئورتاگۇس، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىنىڭ نەتىجىلىرى توغرۇلۇق يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا سايلاملارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلىشىشى تۈپەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنى تەبرىكلىگەن باياناتچى مورگان ئورتاگۇس: مىليونلارچە ياۋروپالىق ئاۋاز بەرگەن بۇ تارىخىي سايلام، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك مانىۋېر ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورتاق دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرى، كۈچلۈك ئىقتىسادىي ۋە قىتئە ھالقىغان  سىياسىي مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە كۈچلۈك شىرىكلەردۇر. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يېڭى ئەزالىرى 2-ئىيۇلدا رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدۇ، ئۇلار ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ لىدېرلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمىز، دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردە 4 كۈن داۋاملاشقان ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىنىڭ رەسمىي نەتىجىلىرى ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يېڭى ۋەزىپە ۋە ماقاملارنى بېكىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېت باشلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭەش باشلىقى، ياۋروپا پارلامېنتى باشلىقى، ياۋروپا مەركەز بانكىسى باشلىقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئالىي ۋەكىلىگە ئوخشاش يۇقىرى مەنسەبلەرگە كىمنى تەيىنلەش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر